شىنخۇا ئاگېنتلىقى،رىم،22-دېكابىر تېلىگىراممىسى: ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى 22-دېكابىر 257 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 41 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مالىيەنى قىسىش لايىھەسىگە ئىشىنىش ئاۋازىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ لايىھە ئىتالىيە ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.
مونتى ھۆكۈمىتى 12-ئاينىڭ بېشىدا ئومۇمىي سوممىسى 30 مىليارد ياۋرو كېلىدىغان بۇ مالىيەنى قىسىش ۋە ئىسلاھ قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش لايىھەسىنى چىقىرىپ، ئاممىۋى چىقىمنى ئازايتىپ، قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۆۋەتتە بىر تىرىليون 900 مىليارد ياۋروغا يېتىدىغان ئاممىۋى قەرزنى ئازايتىپ، خەلقئارا بازارنىڭ ئىتالىيە ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ لايىھەنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان.
مەنبە:جۇڭگو رادىئو تورى
|





